UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمېڭە پارالىچ كېسىلى دېگەن نېمە؟

مېڭە پارالىچ كېسىلى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن مېڭە پارالىچ كېسىلى دېگىنىمىز — تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن تارتىپ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدىكى خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان، مېڭىنىڭ زەخىملىنىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان، ھەرىكەت جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرايدىغان ۋە قىياپىتى بىنورمال بولۇشى قاتارلىقلار ئاساسلىق ئىپادىسى بولىدىغان پالەچلىك ئۇنىۋېرسال كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، تۇتقاقلىق كېسىلى پەيدا بولىدۇ، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ھەرىكىتى نورمالسىز بولىدۇ، ئۆگىنىش جەھەتتە قىيىنلىشىدۇ. رايونىمىزدا مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى 2%~1.5% كىچە بولۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنىدە پالەچلىك پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئېغىر بولغاندا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەربىر بىمار ۋە ئۆيىدىكىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئازاب ۋە يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنى چۈشىنىپ، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يېتىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە