ھامىلىدار ئاياللار قانداق بەلباغلارنى چىگىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بەلباغنىڭ ئاساسلىق رولى — ئىسسىق ساقلاش، بالىياتقۇ بوينىنى، ھامىلە ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قورساقنىڭ زەخىملىنىپ قېلىشىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالغان قورساقنى بەدەنگە مۇۋاپىق قىلىپ، بەلباغ بىلەن باغلىۋالسا، ئانا بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. بۇ بىر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى، تېبابەتتىمۇ ھېچقانداق نەزەرىيىۋى ئاساس يوق. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ دائىم ھامىلىدار ئاياللار كالتە ئىشتان كىيىدۇ، ئادەتتە بەل ئاغرىپ كەتسە ياكى قورساقتىكى مۇسكۇللارنى بوشاتقاندا ئاندىن ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل كالتە ئىشتان بىلەن ھەرىكەت قىلىش قۇلايلىق ھەم كاستۇم - بۇرۇلكا بىلەنمۇ كىيگىلى بولىدۇ، بەلباغنىڭ كەمچىللىكى ھاۋانى ئانچە بەك ئۆتۈشتۈرمەيدۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ۋە سىم - سىم يامغۇر پەسلىدە دائىم تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىپ، ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە ئادىتىگە ئاساسەن تاللاش كېرەك. ئۆزى بىئاراملىق ھېس قىلغان ۋاقىتتا بەلباغ ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ