UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۈچلۈكرەك نۇرنى كۆرگەندە كۆزىنى يۇمۇۋېلىشى، چىڭراق ئاۋازنى ئاڭلىغاندا چۆچۈپ كېتىشى ياكى يىغىلىشى، ئەمچەك توپچىسى بىلەن ئۇچراشقاندا ئېمىشى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغما ئىقتىدار ئىنكاسى، تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن شەرتسىز رېفلېكستۇر. ئەزەلدىن بار بولغان شەرتسىز رېفلېكس ئاساسىدا، ھەرخىل شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق، ھەرخىل ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى سېزىپ ھەم ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىش، كۈچەيتىش جەريانىدا يېڭىدىن شەرتلىك رېفلېكسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەندۈرۈش جەريانىنىڭ ئۆزى بىر ئۆگىنىش ھەم دوراش جەريانىدۇر؛ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىككى ھەپتىلىك بولغاندىن تارتىپ ئانىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئۆگىنىدۇ ھەم دورايدۇ. مەسىلەن: تىلىنى چىقىرىش، ئېغىزىنى ئېچىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر. شۇڭلاشقا ئاتا - ئانىلار بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلىدىن باشلاپ بوۋاقنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئەڭ دەسلەپكى ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىشقا باشلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki