UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچىش مىلىكىدىكى ئاقۇچ كۈل رەڭلىك دانچىلارنېمە؟

چىش مىلىكىدىكى ئاقۇچ كۈل رەڭلىك دانچىلارنېمە؟

نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى بىر - ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ چىش مىلىكىنىڭ گىرۋەكلىرى ياكى ئۈستۈنكى تاڭلاينىڭ ئوتتۇرا بۆلگۈچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاقۇچ سېرىق گۈرۈچنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدە ئاق رەڭلىك شارسىمان دانچىلار بولۇپ، قاراشقا كىچىك چىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئادەتتە ھېچقانداق ئالامىتى يوق. تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن يېمەكلىك يېيىش، شوراش شەكىللەندۈرگەن سۈركىلىش ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇ <چىش> ىنى قالايمىقان كوچىلاشقا، سۈركەشكە بولمايدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، قان تومۇرلار ئىنتايىن مول. ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈلسە، كېسەللىك باكتېرىيىسى ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ياللۇغىنى ھەتتا سېپتىتسېمىيە ياكى تېتانۇس (قاتما كېسىلى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ <چىش> يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىشىگە تەسىر يەتكۈزگەن تەقدىردىمۇ قالايمىقان كوچىلىماستىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دوختۇرنىڭ داۋالىشى ئۈچۈن كۆرسىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
چىش مىلىكىدىكى ئاقۇچ كۈل رەڭلىك دانچىلارنېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki