UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقان ئازلىق دېگەن نېمە؟

قان ئازلىق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن قان ئازلىق قان تومۇرنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى قاننىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ياكى ھېموگلوبىننىڭ مىقدارى نورمال قىممەتتىن تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھېموگلوبىنى لىتىر / گرام 145 دىن تۆۋەن؛ بىر - تۆت ئايلىقتا ھېموگلوبىن لىتىر / گرام 90 دىن تۆۋەن. تۆت - ئالتە ئايلىقتا ھېموگلوبىن لىتىر / گرام 100 دىن تۆۋەن، ئالتە ئايلىقتىن ئالتە ياشقىچە ھېموگلوبىن لېتىر / گرام 110 دىن تۆۋەن بولغۇچىلار قان ئازلاردۇر. ھېموگلوبىننىڭ مىقدارى ئادەتتە بارماقتىن قان ئېلىپ، قاننى قائىدىلىك خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ. قان ئازلىقنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىپادىلىرى چىرايى ئاقىرىش، كالپۇك، تىرناق قاتارلىقلارنىڭ رەڭگى سۇسلاش، نەپەس، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش، ئىشتىھاسى ئازلاش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورسىقى كۆپۈش، ئەس - ھوشى تۇراقسىز بولۇش، زېھنىنى يىغالماسلىق، كەيپىياتى ئاسان جىددىيلىشىش قاتارلىقلار. يېشى چوڭايغانسېرى يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز ئالدىدا قارا چېكىتلەر پەيدا بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كېسەللىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان كېسەللەنگۈچى بالىلاردا يەنە دائىم ئاسانلا چارچاش، چېچى قۇرغاقلىشىش، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قان ئازلىق دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki