UyghurWiki›نەمە›ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ؟
ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ 17 ~ 20 دانە چىشى چىقىپ بولغان بولىدۇ، چايناش ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىدۇ. چوڭلار ئىستېمال قىلغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلالايدىغان بولىدۇ. مەسىلەن: ئۈگرە، تۈگرە، بېلىق گۆشى قاتارلىقلار. بىراق، ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارى چوڭلارنىڭكىگە 40% يېقىنلىشىدىكەن. شۇڭا، بالىلارغا يېمەكلىك تەييارلىغاندا، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەييارلاش كېرەك. نىسبەتەن قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يەنىلا بالىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ. بەزى يېمەكلىكلەرنى يەنىلا بالىلارغا ئايرىم قىلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: گۈرۈچ ئېشى قاتارلىق تاماقلارنى ئەتكەندە گۆشنى ئۇششاق توغراپ، يۇمشاق پىشۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە كۆيۈنۈپ، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ ناچارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق كېرەك. ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە، بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى روشەن بولىدۇ. بولۇپمۇ قورساق، مۈرە ۋە دۈمبە قىسمىدىكى مۇسكۇللار ئالاھىدە تېز يېتىلىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بالىلارغا مول بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىسا، بالىلار ناھايىتى ئوڭايلا قان ئازلىق ۋە راخت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.