بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتىدە قان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئائىلە باشلىقلىرى بوۋاقلارنىڭ تەرىتىدە قان قىلچىلىرىنى بايقىسا ئىنتايىن ھودۇقۇپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاقلارنىڭ تەرىتىدىن قان كېلىش ئادەتتە ئۇنچە بەك ئېغىر ئەمەس، داۋالاشمۇ بىر ئاز ئاسان، بوۋاقلارنىڭ تەرىتىدىن قان كەلگەندە ئاۋۋال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بوۋاقنىڭ تەرىتىنى خىمىيىلىك تەكشۈرۈتۈپ، زادى تەرەتتىن قان كەلدىمۇ - يوق بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتتە چوڭ تەرەتتىكى قانغا ئوخشايدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى قان بولۇشى ناتايىن. بەزىدە يېمەكلىك ياكى دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنى خىمىيىلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئاتا - ئانىنىڭ تەشۋىشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئاندىن ئەگەر تەرەتتىكىسى ھەقىقەتەنمۇ قان بولسا، بەلكىم قەۋزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. قەۋزىيەت مەقئەت يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەقئەت يېرىلغاندا چىققان قان ئادەتتە ئوچۇق قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئەگەر راستتىنلا قەۋزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، پەقەت قەۋزىيەتتە كۈتۈشنى بەكرەك كۈچەيتىپ، كۆپرەك مېۋە - چېۋە، كۆكتات يىگۈزۈپ تەرەتنى يۇمشىتىش ئارقىلىق، مەقئەتنىڭ پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. ئاندىن يەنە يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈشمۇ تەرەتتىن قان كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەگەر تەرەتتىن قان كەلسە دولانا قىيامىدەك ياكى قارا رەڭلىك ئاسفالىتتەك بولۇپ، يەنە دائىم تۇتقاقلىق خاراكتېرىدىكى يىغلاش ۋە قۇسۇش بىللە كەلسە، ئۈچەي كىرىشىپ قېلىشقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق ئىمكانىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل كېسەل سەككىز ئايلىق ئەتراپىدىكى سېمىزرەك بوۋاقلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.