UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار بۇرنىنى كولىسا نېمىشقا بولمايدۇ؟

بالىلار بۇرنىنى كولىسا نېمىشقا بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ بۇرنىدىن ئاجرىتىلغان سۇيۇقلۇق بىر ئاز كۆپ بولغاچقا، بۇرنىدا ئوڭايلا قاقاچ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ بۇرنى قىچىشىپ، بالىلار قولى بىلەن بۇرنىدىكى قاقاچنى كولاپ ئېلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇنلىغان بالىلاردا بۇرنىنى كولاشتىن ئىبارەت ناچار ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار بۇنى چوڭ مەسىلە دەپ قارىماي، ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھەرىكەت ناھايىتى خەتەرلىك، چۈنكى بۇرۇن ئادەمنىڭ نەپەس يولىدىكى <مورا> بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىدا نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە قان تومۇرلار ۋە بۇرۇن تۈكلىرى بولىدۇ، ئۇلار بىرلىكتە سۈمۈرۈلگەن چاڭ - توزاننى توسۇپ، باكتېرىيىلەرنى ئېلىپ قالىدۇ. ئەگەر دائىم قول بىلەن بۇرنىنى كولىغاندا، باكتېرىيىلەرنىڭ بۇرۇنغا كىرىپ كېتىش ئېھتىمالى ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇرۇندىكى تۈكلەرگە زەخمە يېتىپ، بۇرۇن ياللۇغى ياكى باشقا كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇرۇن يىلتىزى ۋە ئېغىزنىڭ ئىككى تەرىپى ئۈستۈنكى لەۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇن — تېبابەتتە <خەتەرلىك ئۈچ بۇرجەك> دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە قان تومۇرلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەگەر بالىلار بۇ رايوننى بۇزۇۋەتسە، باكتېرىيىلەر ناھايىتى ئوڭايلا ئارتېرىيە قان تومۇرى ئارقىلىق باش سۆڭىكىگە كىرىدۇ - دە، باش سۆڭىكى ئارتېرىيە قېنىنىڭ يۇقۇملىنىشى، مېڭە - يۇلۇن پەردە ياللۇغى، باش سۆڭىكى ئىششىش قاتارلىق خەتەرلىك نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ، شۇڭا چوقۇم بالىلارنىڭ بۇرۇن كولاشتىن ئىبارەت ناچار ئادىتىنى تۈگىتىش كېرەك. ئەگەر بۇ <ئۈچ بۇرجەك> تە يارىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال ۋاقتىدا داۋالاپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە