UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشى نورمالمۇ؟

بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشى نورمالمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك. بۇ خىل ناچار ئادەت پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپىنچە ھالدا تۇرمۇش مۇھىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى، يالغۇزسىرىشى، خاتىرجەمسىزلىنىشى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ: 1. بالىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدا نۇرغۇنلىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشى مەسىلەن: ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاجرىشىشى، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ياكى ياتىدىغان ئورۇننىڭ ئالمىشىشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىل ناچار ئادەت شەكىللىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا ئىمكانقەدەر ياخشى تۇرمۇش كەيپىياتنى يارىتىپ، فىزىئولوگىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاستا - ئاستا بۇ خىل مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. 2. ياشانغانلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشى ياكى يەسلىگە ئەمدىلا كىرگەچكە، كىچىك دوستلىرى بىلەن تونۇشماسلىق تۈپەيلىدىن يالغۇزسىراپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا ئازراق ئويۇنچۇق ياكى بىر قىسىم ھەمراھلارنى تېپىپ بېرىپ، ئۇنى ئالدىراش قىلىۋەتسە، بالا تەبىئىيلا بارمىقىنى ئەممەيدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم كىچىك دوستلار بىلەن ئويناش جەريانىدا كۆڭلىدە بۇنداق قىلسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈگىتىشكە پايدىسى بار. 3. بالىلاردا قورقۇش، چۆچۈش، خاتىرجەمسىزلىنىش پەيدا قىلغان ئامىللارنى تۈگىتىپ، بالىلارغا ئەركىن، ئازادە، خۇشال - خۇرام كەيپىيات يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇمۇ بالىلارنىڭ بۇ خىل ناچار ئادىتىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم زورلاش تەدبىرىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: بارمىقىغا مامىرانچىنى سۈيى قاتارلىق يېيىش ناھايىتى تەس بولغان نەرسىلەرنى سۈرتۈپ قويسىمۇ، بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادىتىنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە