UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاققا قانچە تال چىش چىقىدۇ؟

بوۋاققا قانچە تال چىش چىقىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئىككى يۈرۈش چىشى بولىدۇ. بىرىنچىسى سۈت چىشى، ئىككىنچىسى تۇراقلىق چىش. بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشى جەمئىي 20 دانە بولۇپ، ئادەتتە ئالتە ئايلىقنىڭ ئالدى - كەينىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىسا، ئەڭ كېيىن بولغاندا 5.2 يېشىدا ھەممىسى چىقىپ بولىدۇ. سۈت چىشىنىڭ چىقىش ۋاقتىنىڭ پەرقى بىر ئاز چوڭ بولۇپ، دائىم ئىككى ياش ئىچىدە، سۈت چىشىنىڭ سانى ئاي يېشىنىڭ سانىدىن تۆت ~ ئالتىنى ئېلىۋەتكەنگە باراۋەر، مەسىلەن: 12 ئايلىق بوۋاقلارغا تەخمىنەن ئالتە ~ سەككىز دانە چىش چىقىدۇ. ئالتە ياش ئەتراپىدا، بالىلارنىڭ بىرىنچى تۇراقلىق چىشى چىقىشقا باشلاپ، بىرىنچى ئۇپرايدىغان چىش دېيىلىدۇ. يەتتە - سەككىز يېشىدا، سۈت چىشى چىقىش تەرتىپىگە ئاساسەن چۈشۈشكە باشلايدۇ. 18 ياشتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى بىر دانە چىش چىقىپ، ئەقىل چىشى دېيىلىدۇ. لېكىن بەزى ئادەملەرگە بىر ئۆمۈر ئەقىل چىشى چىقمايدۇ. شۇڭا تۇراقلىق چىش جەمئىي 82 ~ 32 دانە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە