UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن گاز چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان تاكسىلار كەلگۈسىدە شاللىنىپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن گاز چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان تاكسىلار كەلگۈسىدە شاللىنىپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن گازچىقىرىش مىقدارى 6.1 لىتىردىن ئاز بولغان تاكسىلار چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان تاكسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تاكسى ئاپتوموبىلىنىڭ شەكلى بىر قەدەر كىچىك، باھاسى خېلىلا ئەرزان بولۇپ، ئىلگىرى دۆلىتىمىز تاكسى ئاپتوموبىلى كەسپىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەنىدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بەزى شەھەرلەردە تاكسى ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ماتورنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى 6.1 لىتىردىن تۆۋەن بولغان تاكسى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى بەش يىلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ياكى يول يۈرۈش مۇساپىسى 300 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ بەلگىلىدى، بۇنداق بولغاندا، ئەمەلىيەتتە گاز چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان تاكسى ئاپتوموبىللىرى تەدرىجىي ھالدا شاللىنىپ كېتىدۇ. شەھەر يوللىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى شەھەر قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. ئادەتتە، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى سىلىندىرنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، گاز چىقىرىش مىقدارى چوڭ بولغان ئاپتوموبىللار ئاندىن بىر قەدەر يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭالايدۇ. ئەمما گاز چىقىرىش مىقدارى 6.1 لىتردىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىللار بىر قەدەر يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭماقچى بولسا، ئىزچىل تۈردە يۇقىرى يۈكلۈك ئايلىنىش ھالىتىدە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماتور مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇپراپ كېتىدۇ ھەمدە يېقىلغۇ تولۇق كۆيۈپ بولالماي مۇھىتنى بۇلغايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىللارنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ تولۇق ئېچىۋېتىلسە، ئاپتوموبىل سۈرئىتى مۇقەررەر ھالدا ئاستىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، گاز چىقىرىش مىقدارى كىچىك بولغان تاكسى ئاپتوموبىللىرىنى شاللىۋەتكەندە ھەم كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى شەھەر قاتنىشىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، ھەم مۇھىت قوغداشقا پايدىلىق بولىدىغان بىر تۈرلۈك خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە