نېمە ئۈچۈن ئادەم ئۆلۈك دېڭىزدا چۆكۈپ كەتمەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيە 70 - يىلى قەدىمكى رىم قوماندانى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن قۇللارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلۈك دېڭىزغا تاشلاپتۇ. لېكىن، پۇت - قولى باغلانغان بۇ ئەسىرلەر تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ھەممىسى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قوماندان بىلەن لەشكەرلەر رەڭگى ئۆچكەن ھالدا بۇ ئەسىرلەرنى ئىلاھ قوغداپ قالدى دەپ قاپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.
ئۆلۈك دېڭىز ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن كۆل ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەرنىڭ كىلىماتى ھەم قۇرغاق، ھەم ئىسسىق، ئىككى قىرغىقى تىك يارلىق، گەرچە ئىئوردانىيە دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ سۈيى ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن دېڭىز سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى يەنىلا ئىنتايىن تېز بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ كۆل سۈيىنىڭ تۇز تەركىبى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. ئۆلچەپ بېكىتىلىشىچە، ئۆلۈك دېڭىز سۈيىنىڭ تۇز تەركىبى ئەڭ كۆپ جايلاردا 30 پىرسەنتكە يېتىدىكەن، ئۇ، ئادەتتىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى تۈز مىقداردىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ئىكەن. سۇدا تۇز تەركىبى كۆپ بولغاچقا، دېڭىز سۈيىنىڭ زىچلىقىمۇ تەبىئىي ھالدا ئاشىدۇ، ھازىر ئۆلۈك دېڭىز سۈيىنىڭ زىچلىقىمۇ تەبىئىي ھالدا ئاشىدۇ، ھازىر ئۆلۈك دېڭىز سۈيىنىڭ ئادەتتىىكى سۇغا نىسبەتەن زىچلىقى سۇنىڭ 1.2 ئەتراپىدا، لېكىن بىر نورمال ئادەمنىڭ سۇغا نىسبەتەن نىسپىي زىچلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 1.1 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بىئولوگىيىدىكى لەيلەش كۈچى قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا، نىسپىي زىچلىقى كىچىك جىسىم ھامان نىسپىي زىچلىقى چوڭ سۇيۇقلۇق ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئادەم ئۆلۈك دېڭىزغا چۈشۈپ كەتسە سۇ ئۆزەلمىسمۇ، دېڭىز سۈيى ئادەمنى يەنىلا لەيلىتىپ تۇرالايدۇ.