UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش قائىدىسىدە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش بەلگىلەنگەن؟

نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش قائىدىسىدە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش بەلگىلەنگەن؟

نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە ئاپتوموبىلنىڭ رولى سول تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاپتوموبىل بولسا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، بۇ <سول تەرەپتە ئولتۇرۇپ، ئوڭ تەرەپتە مېڭىش> دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىدە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن غەيرى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەندە، ئات - ئۇلاغلارنى ھەيدەپ ماڭغاندا ياكى مىنىپ يول يۈرگەندە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش قائىدىسىگە چۇقۇم بويسۇنۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. 1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشى بىلەن 1894 - يىلىدىكى جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگىلىيە بىلەن ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ يولىنىڭ سول تەرىپىدە مېڭىش قائىدىسىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تەسىرى چوڭ بولغان. جۇڭگونىڭ 100 يىل يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەت بولۇشتەك تارىخى بار، كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىلگىرى جۇڭگودا بۆلۈشۈۋالغان تەسىر دائىرىسىدە، شەھەرلەردىكى كونسېسسىيەلىرىدە شوپۇر ئاپتوموبىلىنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدىغان ياكى شوپۇر ئاپتوموبىلىنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدىغان ياكى شوپۇر ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، يولنىڭ سول تەرىپىدە ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يوللارنى توغرا كېسىپ ئۆتۈپ، يولىنىڭ ئوڭ، سول تەرىپىدە قالايمىقان يۈرۈشتەك تەرتىپسىز ۋەزىيەت كۆرۈلگەنىدى. بۇ خىل قالايمىغان ھالەت تاكى ⅩⅩئەسىرنىڭ 03 - يىللىرىغىچە داۋاملاشقان. قاتناشتىكى بۇ خىل قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، 3419 - يىلى 12 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاپتوموبىللارنىڭ بىردەك يولنىڭ سول تەرىپىدە مېڭىشىنى بەلگىلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيە شوپۇر سول تەرەپتە ئولتۇرۇپ، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدىغان زور بىر تۈركۈم ئاپتوموبىللارنى جۇڭگودا قالدۇرۇپ كەتكەن، شۇڭا ئەينى چاغدىكى قاتناش مىنىستىرلىكى جۇڭگودىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش قائىدىسىنى چىقارغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش قائىدىسىنى بىردەك يولغا قويۇش بەلگىلەندى.
← بارلىق تېمىلار نەمە