UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئوغۇز سۈتىنى ئېمىتمەسلىك كېرەكمۇ؟

ئوغۇز سۈتىنى ئېمىتمەسلىك كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئوغۇز سۈت بولسا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ كۆزى يورۇغاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە كەلگەن سۈت بولۇپ، سۇيۇق، ئاز بولىدۇ. تەركىبىدە كاروتىن بىر ئاز كۆپ بولغاچقا، سۇس سېرىق ھالەتتە بولىدۇ. بەزى ئانىلار بۇ سۈتنى پاكىز ئەمەس دەپ قاراپ، بالىغا بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى بىرىنچى كۈندىكى سۈتنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، كېيىن سۈتتىكى ئاقسىل بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. تەخمىنەن تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالتىنچى كۈنى سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى مۇقىملىشىشقا باشلايدۇ، ئوغۇز سۈتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ تەركىبىدە باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغقا قارشى ماددىلار بار. بولۇپمۇ ئىممۇنىتېتلاش خاراكتېرىدىكى ئاقسىل ئەڭ يۇقىرى، ئۇ بالىنىڭ نەپەسلىنىش يولى ۋە ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدىكى شىلىمشىق پەردىلەرنى قوغدايدۇ. ئوغۇز سۈت تەركىبىدىكى سۈت تۆمۈرلۈك ئاقسىلى باكتېرىيىلەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە كۆپىيىشىنى توسۇيدۇ. ئوغۇز سۈتىدە يەنە مول بولغان لىمفا ھۈجەيرىلىرى، نېيتراللىق ھۈجەيرە ۋە قوشۇۋېلىش ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئۇلار خىلمۇخىل مىكرو ماددىلارنى قوشۇۋالىدۇ ۋە يوقىتىدۇ. ئوغۇز سۈت يەنە بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا ئوغۇز سۈتىنىڭ بىر تامچىسىنىمۇ زايە قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە