نېمە ئۈچۈن يېنىك رېلىسلىق قاتناش زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە؟
نېمە ئۈچۈن
سىز بەلكىم كىنو ياكى تېلېۋىزوردىن كونا شەكىلدىكى ترامۋاينى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ترامۋاي يەر يۈزىگە ياتقۇزۇلغان ئىككى پولات رېلىس ئۈستىدە ئاستا سۈرئەتتە، تەۋرىنىپ جاراڭ - جۇرۇڭ ئاۋاز چىقىرىپ ماڭىدۇ. يېنىك رېلىسلىق قاتناش كونا شەكىلدىكى ترامۋاي ئاساسىدا، تۆمۈر يول بولۇپمۇ مېترو(يەر ئاستى تۆمۈر يولى) نىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى قوللىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، شۇڭا يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېنىك رېلىسلىق قاتناشقا مەخسۇس يول ئىشلىتىلىدۇ. بىراق كونا شەكىلدىكى ترامۋاي ماڭىدىغان يول باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. يېنىك رېلىسلىق پويىزنىڭ تېزلىكى كونا شەكىلدىكى ترامۋاينىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى تۆۋەن، كۆپ يولۇچى سىغىدۇ، توك سەرپىياتى ئاز، مېڭىشى سىلىق، بىخەتەر، راھەت بولىدۇ.
يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يولنى ھەم يەر يۈزىگە ياساشقىمۇ، ھەم ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ياكى يەر ئاستىغا ياساشقىمۇ بولىدۇ. يېنىك رېلىسلىق پويىزنى يەر ئاستى پويىزى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېتەرسىزلىكى شۇكى، يولۇچىلار سىغىمى يەر ئاستى پويىزىنىكىدىن ئاز بولىدۇ، ئەمما ياسىلىش شەكلى يەر ئاستى پويىزىنىڭكىدىن جانلىق بولىدۇ. كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىكى بىر يېنىك رېلىسلىق قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ 6.1 كىلومېتىرى يەر يۈزىگە، قالغان قىسمى پولات چىۋىقلىق بېتوندىن ياسالغان ئاسما كۆۋرۈك ئۈستىگە جايلاشقان. يېنىك رېلىسلىق قاتناش لىنىيىسىنىڭ پۈتكۈل ئايلىنىش مۇساپىسى پۈتۈنلەي كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 80 كىلومېتىر بولۇپ، تاق يۆنىلىش بويىچە سائىتىگە 20 - 30 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇيدۇ. يېنىك رېلىسلىق قاتناشقا كەتكەن قۇرۇلۇش چىقىمى مېترونىڭكىدىن خېلىلا ئاز بولىدۇ. شۇڭا، كەلگەسىدە يېنىك رېلىسلىق قاتناش، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان شەھەر قاتنىشىنىڭ مۇھىم بىر شەكلى بولۇپ قالىدۇ.