UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا كۇبىك ئويناشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

بالىلارغا كۇبىك ئويناشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كۇبىك بولسا قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئويۇن، بىزنىڭ بۇ خىل ئويۇننى قەدىمكى ئويۇن دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، يىراق قەدىمكى زامانلاردا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بۇ خىل ئويۇننى ئوينىغان. ھازىرقى زاماندىكى ئويۇن دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، توختىماي يېڭىلىنىپ، دەۋر پۇرىقىغا تولۇپ كەلدى. كۇبىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى <كۆپ ئۆزگىرىشچانلىقىدا>، بالىلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خىلمۇخىل نەرسىلەرنى ياسىيالايدۇ. مەسىلەن: ئۆي، كارىۋات، كۆۋرۈك، پويىز قاتارلىقلار. بۇ بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىقتىدار بولسا، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە. بالىلارغا كۇبىك ئويناشنى ئۆگىتىشتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ: 1. دەسلەپتە، ئاتا - ئانىلار بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ كۇبىكقا بولغان قىزىقىشىنى <قوزام گەپ ئاڭلا، ئاپاڭ ساڭا ئۆي ياساپ بېرىدۇ> دەپ، ئۆز قولى بىلەن ياساپ بېرىش ئارقىلىق قوزغاش ۋە ئۆگىتىش كېرەك. 2. بالىلار تىزىشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن شەكىلگە ئاساسەن تىزىشنى ئۆگىتىش كېرەك. 3. بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى نەرسىنى ياساپ بېقىشقا قىزىقتۇرۇش، شۇنداقلا كۇبىك ئويناش جەريانىدا بالىنىڭ نەچچە تال كۇبىك ئىشلەتكەنلىكىنى سانىتىش ئارقىلىق ساناق ساناش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. قىسقىسى، كىچىككىنە كۇبىك بالىنىڭ قولىدا ئاجايىپ - غارايىب نەرسىلەرگە ئايلىنىپ، گۆدەك ۋە خىيالىي بالىلار دۇنياسىنى پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە