قانداق يېمەكلىكلەر سۈت كۆپەيتىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېمەكلىك بىلەن داۋالاش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئاددىي ھەم بىخەتەر. بىز ئوزۇقلۇقنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشتا ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدۇق. تۈپ مەقسەت بولسا ئانىنىڭ سۈتىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بالىنى يېتەرلىك ئوزۇققا ئىگە قىلىشتۇر. ئەگەر ئانىنىڭ سۈتى يېتەرلىك بولمىسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.
1. ئاغىچىيۇغۇچ ۋە تاپان بېلىق شورپىسى. (تىرىك تاپان بېلىق 500 گرام ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، ئىككى تەرەپنى ئازراق قايناتقاندىن كېيىن، رەيھان شەربىتى قۇيۇپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ، سامساق قاتارلىقلارنى سېلىپ، 20 مىنۇت دۈملەش، ئاغىچىيۇغۇچتىن 200 گرام ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ توغراپ، بېلىق شورپىسىغا سېلىپ، ئۇلۇغ ئوتتا ياكى شورپا سۈت رەڭگىگە كىرگۈچە قاينىتىپ، ئاندىن تۇز سېلىپ، ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن قازاننى چۈشۈرسە بولىدۇ.) بۇنىڭ سەپرانى يوقىتىپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، سۈتنى راۋان قىلىش پايدىسى بار. ئۆزىنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن ئاغىچىيۇغۇچنىڭ ئورنىغا پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ياكى ئادەتتىكى گىياھلارنى سالسىمۇ ئۈنۈمى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.
2. سۆڭەكسىز توخۇ گۆشى شورپىسى قىلىش. سۆڭەكسىز توخۇ گۆشىدىن 1000 گرام ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ توغراپ، پىياز، تۇز، ھاراق قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئۈستىگە 15 گرام قانتېپەر، 25 گرام كەتىرا، ئالقات ئۇرۇقىدىن 15 گرام ئېلىپ، 20 مىنۇت قايناتسا پىشىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن ئاجىزلىق، سۈت يېتەرلىك بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.