UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا دائىم مېۋە ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك؟

بالىلار نېمىشقا دائىم مېۋە ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار دائىم مېۋە يەپ بەرسە، تەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق. 1. مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئاساسەن يېقىنلىشىدۇ ھەم خام يېگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆكتاتنى قورۇغان (پىشۇرغان) ۋاقىتقا ئوخشاش زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. 2. مېۋىنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، ئوخشاش بولمىغان مېۋىلەردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: يېڭى چىلان، دولانا قاتارلىقلاردا ۋىتامىن كۆپ، شاپتۇل، ئۆرۈك قاتارلىقلاردا تۆمۈر كۆپ، ئاپېلسىن قاتارلىقلاردا سېللۇلوزا كۆپ. 3. مېۋە تەركىبىدە يەنە كاربون كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، تارتىران كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. باشقا ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مېۋىلەردىكى مېۋىنىڭ يېلىمسىمان شىرنىسى ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بىراق، بالىلار مېۋە ئىستېمال قىلغاندا كۆپ يېمەسلىكى، پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ پەسىلگە بېقىپ يېيىشى كېرەك، پەسىلگە ماس كەلمەيدىغان مېۋىلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەسلىكى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلار نېمىشقا دائىم مېۋە ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki