ھايۋانلارنىڭمۇ يىل ھالقىسى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سىز دەرەخنىڭ يىل ھالقىسى بولىدىغانلىقىنى بىلشىڭىز مۇمكىن. دەرەخلەردىكى مەركەزداش چەمبەر ھالىتىدىكى سىزىقچىلار دەرەخنىڭ يىل ھالقىسى دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ يىل ھالقىسى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ھايۋانلارنىڭمۇ يىل ھالقىسى بولامدۇ؟ ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭمۇ يىل ھالقىسى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
تەبىئەت دۇنياسىدا ھايۋانلار توپى ھەممىدىن چوڭ. بۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرى ئاسماندا ئۇچىدۇ، بەزىلىرى يەردە ئۆمىلەيدۇ، يەنە بەزىلىرى ئاسماندا ئۇچىدۇ، بەزىلىرى يەردە ئۆمىلەيدۇ، يەنە بەزىلىرى سۇدا ئۈزىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. لېكىن، ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلارنىڭ يىل ھالقىسىمۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېرىدە بولىدۇ.
ئالايلۇق، دەريا سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ ئىككى دانە قېپى بولۇپ، سىرتىدىكى قېپى قارىغا مايىل قوڭۇر رەڭ كېلىدۇ، ئۇنىڭدا مەركەزداش چەمبەر ھالىتىدىكى نۇرغۇن سىزىقچىلار بولىدۇ. بۇ ئۆسۈش سىزىقى دەپ ئاتلىدۇ. دەريا سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قېپىدا قەۋەت - قەۋەت دۈگىلەك سىزىچىلار پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ دەريا سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ يىل ھالقىسىدۇر.
تاشپاقىلارنىڭ يىل ھالقىسى ئۇلارنىڭ دۈمبسىدىكى قاسىرىقىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى قاتتىق قاسىراقلارنىڭ ھالقىسىنى ساناش ئارقىلىق يېشىنى بىلگىلى بولىدۇ.
بېلىقلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان بېلىقلارنىڭ يىل ھالقىسىنىڭ جايلاشقان ئورنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كارپ بېلىقىنىڭ يىل ھالقىسى ئۇنىڭ قاسىرقىدىكى تەڭگىچىلىرى بىلەن ساقىقىدا بولىدۇ. كىچىك سېرىق گوربىل بېلىقىنىڭ يىل ھالقىسى ئۇنىڭ باش سۆڭىكىدىكى قۇلاق تېشىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. قۇلاق تېشى بىر خىل ھاك ماددىلىق جىسىم بولۇپ، ئۇنى سۈركەپ ياپراقچە ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، يۆگەم - يۆگەم مەركەزداش چەمبەرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ دەل كىچىك سېرىق گوربىل بېلىقنىڭ يىل ھالىقىسىدۇر.