UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دۇنيادا ھەر خىل رەڭدىكى دېڭىزلار بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دۇنيادا ھەر خىل رەڭدىكى دېڭىزلار بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارىدىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ كۆلىمى چوك - كىچىك بولماستىن، بەلكى چوڭقۇرلۇقى، سۇ تېمپېراتۇرىسى، رەڭگىمۇ ئوخشاش ئەمەس، بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلىدىغىنى ھەر خىل رەڭدىكى دېڭىزلاردىن ئىبارەت. قىزىل دېڭىز ئافرىقا قىتئەسى بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، بۇ يەردە قىزىل رەڭلىك يۈسۈنلار تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ، ھەر قېتىم دېڭىز يۈسۈنى كۆپەيگەندە، دېڭىز سۈيى قىپقىزىل رەڭگە كىرىدۇ. شۇڭا ئۇ قىزىل دېڭىز دەپ ئاتالغان. قارا دېڭىز روسىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، دېڭىز تېگىگە يىل بويى نۇرغۇن قارا پاتقاق دۆۋىلىنىپ تۇرغاچقا، قاپقارا كۆرۈنىدۇ. شۇڭا ئۇ قارا دېڭىز دەپ ئاتالغان، دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى سېرىق دېڭىزنىڭ نامى خۇاڭخەي، سەۋەبى، خۇاڭخى دەرياسى يىل بويى يۇقىرى ئېقىندىن نۇرغۇن لاي - لاتقىلارنى ئېقىتىپ كېلىپ، پۈتكۈل دېڭىز تەۋەلىكىنى سېرىق لايغا تولدۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ نامى خۇاڭخەي (سېرىق دېڭىز) دەپ ئاتىلىپ قالغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان دېڭىزنىڭ يۈزى يىل بويى يېشىل يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرغاچقا، دېڭىز سۈيى يېشىللىققا پۈركەلگەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى يېشىل دېڭىز دەپ ئاتىغان. يەنە ئاق دېڭىزۇ بار، ئۇ روسىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۇ يەرنىڭ كىلىماتى سوغۇق بولۇپ، يىل بويى ئاپئاق قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئاق دېڭىز دەپ ئاتالغان. قسىقىسى بۇ رەڭمۇ رەڭ دېڭىزلارنىڭ ھېچقانداق تىلسىملىقى يوق، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان تۈرلۈك رەڭ تۈسىنى ئالغانكى، بەزى رەڭلەر يەر يۈزى قاتلىمىنىڭ رەڭگى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، بەزى رەڭلەرنى دېڭىزدا يامراپ كەتكەن يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، يەنە بەزى رەڭلەر ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان.
← بارلىق تېمىلار نەمە