قانداق ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشى كېرەك.
1. تەرتىپلىك كالتە تولغاق بولغاندا: كۆپلىگەن ھامىلىدار ئاياللار كالتە تولغاق ئارىلىقىنى دوختۇرخانىغا كىرىشنىڭ دەل ۋاقتى دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ. ھەر 10 مىنۇتتا بىر كالتە تولغاق پەيدا بولغاندا ياكى بىر سائەتتە ئالتە قېتىمدىن يۇقىرى كالتە تولغاق بولغاندا ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرخانا بىلەن ئۆي ئارىلىقىنى مۆلچەرلەپ، دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك. كالتە تولغاق باشلىنىپ تۇغقىچە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقىت يېرىم كۈن ياكى يېرىم كۈندىن ئارتۇق بولىدۇ.
2. باش سۈيى يېرىلىش: باش سۈيى يېرىلغان ۋاقىتتا، بەلنى ئۈستۈن قىلىپ، كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىپ، تىنچلىقنى ساقلىشى شۇنداقلا بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىشى كېرەك. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئاۋۋال پاكىز داكا ياكى ياغسىزلاندۇرۇلغان پاختىنى قاتلىۋېلىش. باش سۈيى يېرىلغاندىن كېيىن، قالايمىقان ھەرىكەتلەنسە كىندىك ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، قان ۋە ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىك خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ بالىياتقۇ ئورنى توغرا بولمىغاندا، تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىش كېرەك.
3. تۇيۇقسىز كۆپ مىقداردا قان كەلسە: دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ، ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. چىققان قاننى بەك ئاستا بىر تەرەپ قىلغاندا، ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ.
4. قورساق شىددەت بىلەن ئاغرىپ، بالىياتقۇ تۇيۇقسىز تارىيىشتىن توختاپ، ھامىلىمۇ ھەرىكەتتىن توختىسا: بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.