UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئالتە ئايلىقتىن كېيىنكى بوۋاقلار ئاسان كېسەل بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئالتە ئايلىقتىن كېيىنكى بوۋاقلار ئاسان كېسەل بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق ئالتە ئايلىق ئىچىدە ئىنتايىن ئاز كېسەل بولىدۇ.لېكىن ئالتە ئايلىقتىن كېيىن بولسا كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپ ئاغرىيدۇ. ئاساسلىق سەۋەبى: ھامىلە مەزگىلىدە ئانا بالا ھەمراھى ئارقىلىق تېنىگە بىر قىسىم ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە ئىممۇنىتېت شار ئاقسىلى توشۇپ بەرگەن ھەمدە ئانا سۈتى (بولۇپمۇ ئوغۇز سۈتى) تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇلار ئورتاق ھالدا قۇرغان مۇداپىئە سېپى ئالتە ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاجىز باسقۇچتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلالايدۇ. لېكىن ئالتە ئايدىن كېيىن بۇ ئىممۇنىتېت ماددىلار ئاساسەن دېگۈدەك سەرپ بولۇنۇپ بولغان ھەمدە بوۋاق ئۆز بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان، شۇ سەۋەبتىن بوۋاق ئىلگىرىكىدىن ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، ئاسانلا ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە نەپەس يولى، ھەزىم يولى قاتارلىق تەرەپلەردىكى كېسەللەر بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى بولسا زۇكام، قىزىش ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار. شۇڭا، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالتە ئايلىقتىن كېيىنكى بوۋاقلارنى كۈتۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن. بوۋاق ئالتە ئايلىق ئىچىدە ئىنتايىن ئاز كېسەل بولىدۇ.لېكىن ئالتە ئايلىقتىن كېيىن بولسا كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپ ئاغرىيدۇ. ئاساسلىق سەۋەبى: ھامىلە مەزگىلىدە ئانا بالا ھەمراھى ئارقىلىق تېنىگە بىر قىسىم ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە ئىممۇنىتېت شار ئاقسىلى توشۇپ بەرگەن ھەمدە ئانا سۈتى (بولۇپمۇ ئوغۇز سۈتى) تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇلار ئورتاق ھالدا قۇرغان مۇداپىئە سېپى ئالتە ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاجىز باسقۇچتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلالايدۇ. لېكىن ئالتە ئايدىن كېيىن بۇ ئىممۇنىتېت ماددىلار ئاساسەن دېگۈدەك سەرپ بولۇنۇپ بولغان ھەمدە بوۋاق ئۆز بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان، شۇ سەۋەبتىن بوۋاق ئىلگىرىكىدىن ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، ئاسانلا ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە نەپەس يولى، ھەزىم يولى قاتارلىق تەرەپلەردىكى كېسەللەر بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى بولسا زۇكام، قىزىش ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار. شۇڭا، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالتە ئايلىقتىن كېيىنكى بوۋاقلارنى كۈتۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن.
← بارلىق تېمىلار نەمە