قىزىتما بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىركۆرسىتەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىشىلەر دائىم قىزىتما بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنى <كۆيدۈرۈۋېتىپ>، بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا بوۋاق قىزىپ قالغاندا ئائىلە باشلىقلىرى بەك ئەنسىرەپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە قىزىش بىر خىل تاشقى ئىپادىلىنىشلا بولۇپ، كېسەلنىڭ بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ئالامىتى، ھەرگىزمۇ كېسەل پەيدا قىلىدىغان سەۋەب ئەمەس. چوڭ مېڭىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل، ئادەتتە ئاقسىل پەقەت 42℃ دىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاندىن ئاستا - ئاستا بۇزۇلىدۇ. ئادەتتىكى قىزىتمىنىڭ بۇ تېمپېراتۇرىدىن ئېشىپ كېتىشى ئىنتايىن ئاز، شۇڭا چوڭ مېڭىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى بوۋاقلار يۇقىرى قىزىتمىدىن كېيىن ئەقىللىق ئەمەستەك بىلىنىدۇ. لېكىن بۇنى ھەرگىزمۇ يۇقىرى قىزىتما كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، ئەكسىچە بوۋاق مېڭە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش قاتارلىق مېڭە قىسمىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن كېيىن يۇقىرى قىزىتما بولغان، ئاشۇ ئاددىي كۆز كۆرگىلى بولمايدىغان كېسەل قوزغالغۇچى مىكرو ئورگانىزملار چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرگەن، ھەرگىزمۇ يۇقىرى قىزىتما چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرگەن ئەمەس.