بىر ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاستا - ئاستا ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلىپ مېڭىشقا، ئۆزىنىڭ كىچىك دۇنياسىنى يارىتىشقا باشلايدۇ، بالىلارنىڭ ئورتاق بولغان تۇغما ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. گەپ قىلىشقا، ئويناشقا، دوراشقا ئامراق كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىش ئۈچۈن ئويۇن ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى قاتارلىق سەزگۈلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، ئاددىي بولغان بالىلار ناخشىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. يۈگۈرەش، سەكرەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پۇت - قوللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، بالىلارغا مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە تەربىيە ئېلىپ بارماسلىق، تەربىيە چېكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ۋە بالىلاردا پسىخىكا جەھەتتىن بىزار بولۇش ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. توغرا بولغان ئۇسۇل <خۇشال - خۇراملىق ئىچىدە تەربىيىلەش> بولۇپ، ئازادە، ئەركىن، خۇشال - خۇرام مۇھىت ئىچىدە، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ