تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكـلەرنى قانداق تەييارلاپ بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتىكى ئەھۋالدا تۆت ئايلىق بوۋاقلارغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە:
1. تۇخۇم سېرىقى بوتقىسى. تۇخۇمنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ سوغۇق سۇغا سېلىپ سۇس ئوتتا پىشۇرۇش، تۇخۇم سېرىقىنى چىقىرىپ، ئېزىپ بەرسە بولىدۇ. يەنە ئېزىلگەن تۇخۇم سېرىقىغا كالا سۈتى، گۈرۈچ سۈيى ياكى كۆكتات سۈيى قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. باشلىنىشتا يېرىم تۇخۇم بەرسە، ئۇنىڭدىن كېيىن بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بارا - بارا ھەر كۈنى بىر تۇخۇمغا كۆپەيتسە بولىدۇ. تۇخۇم سېرىقىدا مول بولغان ئاقسىل، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولۇپ، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭە، سۆڭەك، مۇسكۇل ۋە نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ② كۆكتات بوتقىسى. مۇۋاپىق مىقداردا يېڭى كۆكتات ئېلىپ مەسىلەن يازلىق يېسىۋىلەك، پالەك، تۇرۇپ قاتارلىقلار، ئۇلارنى پاكىز يۇيۇپ، چاناپ، دۈملەپ ياكى پىشۇرغاندىن كېيىن ئېزىپ بوتقىسىمان ھالەتكە كەلتۈرسە بولىدۇ. يەككە ھالدا ياكى كۆكتات شىرنىسى بىلەن بىللە بوۋاققا قوشۇق بىلەن ئىچۈرسە بولىدۇ. كۆكتات بوتقىسىدا كۆپرەك مىقداردا ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بولۇش بىلەن بىللە يەنە چوڭ تەرەتنىڭ قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. كۆكتاتنىڭ تۈرى كۆپرەك بولۇپ، تۈرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرسا بولىدۇ. ③ ھايۋانات جىگىرى بوتقىسى. يېڭى ھايۋانات جىگىرىدىن 50 ~ 80 گرام ئېلىپ، يۇيۇپ ئاجرىتىپ، سىڭىرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇششاق چاناپ، ئازراق جياڭيۇغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ ئاندىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت تۇرغۇزسىلا بولىدۇ. ھايۋانات جىگىرى تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بولۇپ، قان تولۇقلاش، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەم قانلىق ياكى راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار.
تۆت ئايلىق بوۋاقلارغا تاماق ئورۇنلاشتۇرغاندا تۆۋەندىكى تىزىملىكتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
00:6 ئانا سۈتى
00:10 ئاۋۋال شورپا قوشۇقىدا ئىككى قوشۇق شوۋىگۈرۈچ قوشۇپ بېرىش، كېيىن بارا - بارا تۆت قوشۇققا كۆپەيتىش، ئارقىدىن ئانا سۈتى بېرىش.
00:12 ئانا سۈتى.
00:15 مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم سېرىقى بوتقىسى، كۆكتات بوتقىسى ياكى ھايۋانات جىگىرى بوتقىسى بېرىش.
00:17 ئانا سۈتى.
00:21 ئانا سۈتى
ھەر قېتىملىق سۈت ئېمىتش ئارىلىقىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان قايناق سۇ، سوغۇق قايناق سۇ، ھەرخىل مېۋە شەربىتى، كۆكتات شىرنىسى، كۆكتات شورپىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ