UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا قانداق چىش چوتكىسىنى تاللاپ بېرىش كېرەك؟

بالىلارغا قانداق چىش چوتكىسىنى تاللاپ بېرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئىلمىي ھالدا بىر يۈرۈش چىرايلىق چىش تازىلاش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ چىش چوتكىلاش قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ پايدىلىق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چىش تازىلاش بۇيۇملىرى چىش چوتكىسى، چىش پاستىسى، چىش چوتكىلاش ئىستاكانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم بولغىنى چىش چوتكىسى ۋە چىش پاستىسى، بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ يۇقۇشچانلىقى يۇقىرى ۋە يۇمران بولغاچقا، چوتكا بېشى كىچىكرەك، چوتكا قىلى يۇمشاق بولغان چىش چوتكىسىنى تاللاش، چىش چوتكىسىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى بالىلارنىڭ يېشى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بويىچە تاللاش، بىر تال چىش چوتكىسىنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەسىلىكى، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار زۇكام ياكى ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، چىش چوتكىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ياكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ياكى كېسەللىك ۋىرۇس تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە