ئۈچ ياشلىق بالىلارغا سەكرەش ھەرىكىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئۈچ ياشلىق بالىلار ئىككى پۇتلاپ مۇستەقىل سەكرىيەلەيدۇ، بىراق ئېگىزگە سەكرىيەلمەيدۇ. سەكرىگەن ۋاقىتتا، ئالدىنقى پۇتى بىلەن يەرنى تىرەشنى بىلمەيدۇ. ئىككى بىلىكى تاشلىنىپ تۇرىدۇ. يەرگە چۈشكەن ۋاقىتتا ئالدىنقى پۇتى بىلەن چۈشمەيدۇ. ئىككى بىلىكىنى ئېگىپ ئالدىغا تاشلاشنى بىلمەيدۇ، سەكرەپ يەرگە چۈشكەن ۋاقىتتا بىر ئاز ئېغىر بولغاچقا، بەدىنى تەڭپۇڭ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلەكنىڭ تاشلىنىشى بىلەن پۇتنىڭ يەرگە چۈشۈشى ماسلاشمىغان بولغاچقا، ھەرىكىتىمۇ كالامپاي بولۇپ قالىدۇ - دە، ئوڭايلا يىقىلىپ چۈشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەقسەتلىك ھالدا بالىغا ئورنىدا تۇرۇپ سەكرەش ياكى ئېگىزدىن پەسكە سەكرەش (تەخمىنەن 15 ~ 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىن) مەشىقىنى قىلدۇرسا بولىدۇ. بىراق ئۇزۇن ۋاقىت مەشىق قىلدۇرۇپ، چارچىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم، كىچىك مېڭىسىدە سىلكىنىش پەيدا بولسا، كىچىك مېڭىسىنىڭ نورمال يېتىلىشى ۋە ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. بالىغا سەكرەشنى ئۆگەتكەندە، چوڭلار ئالدى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىپ، بالىنى دوراتقۇزۇش كېرەك. ئاۋۋال ئۇلارغا ئاددىي ھەرىكەتلەرنى ئۆگىتىپ، ئوبرازچانلىقى كۈچلۈك بولغان ۋە دوراشقا ئوڭاي بولغان ھەرىكەتلەرنى ئۆگىتىش. ئاق بۆجەننىڭ سەكرەپ تاقلىغىنىنى دورىغاندا، چوڭلار بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ، سىستېمىلىق ھالدا سەكرىشى كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، بالىغا توغرا سەكرەش ھەرىكىتىنى مەشىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: دەسلەپ سەكرىگەندە ئالدى پۇت بىلەن يەردىن كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى بىلىكىنى ئالدىغا تاشلاپ، دەرھال بوشلۇقتا سەكرەپ، يەرگە چۈشكەن ۋاقىتتا ئالدى پۇتى بىلەن يەرنى دەسسەپ، تىزنى ئەگسە، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. سەكرەشنى مەشىق قىلىدىغان يەر تۈز، تەكشى بولۇشى كېرەك. ئېگىزدىن پەسكە سەكرىگەندە مېخانىكلىق بولۇش، مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى پالاس ياكى قۇم ئازگىلىدە مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. مەشىق قىلغاندا چوڭلار چوقۇم ياندا تۇرۇپ بالىنى قوغداپ، كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.