قۇياش سىستېمىسى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟
نېمە ئۈچۈن
بىز ياشاۋاتقان يەر شارى قۇياش سىستېمىسىغا <ماكانلاشقان>، قۇياش سىستېمىسى بولسا بىر <چوڭ ئائىلە> دۇر. بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: قۇياش، توققۇز چوڭ سەييارە، نۇرغۇن كىچىك سەييارىلەر، سەييارىلەرنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تەبىئىي ھەمراھلار ھەمدە ئالەمدە <سەرگەردان> بولۇپ يۈرىدىغان ئاقار يۇلتۇزلار ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا، قۇياش سىستېمىسى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ چوڭلۇق جەھەتتە يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاسترونوملار مۇشۇنچىۋالا ئۇزۇن ئارىلىقنى <1 ئاسترونومىيە بىرلىكى> دەپ ئاتايدۇ. يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ سىرتىدا يەنە مارىس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتون ۋە پلۇتون بار. قۇياشتىن ئەڭ يىراقتىكىسى پلۇتون بولۇپ، پلۇتون بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 40 ئاسترونومىيە بىرلىكىگە تەڭ. قۇياشتىن تارقالغان نۇرنىڭ پلۇتونغا چۈشۈشىگە تەخمىنەن بەش يېرىم سائەت كېتىدۇ. ئەمما پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنى تېخى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى دەپ قارىغلى بولمايدۇ. قۇياش سىستېمىسىدا يەنە بەزى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار بار، ئۇلار قۇياشتىن يىراقلاشقاندا، پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قانچە يۈز مىليار كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى قەيەردە؟
گوللاندىيە ئاسترونومىيە ئالىمى ئولتېر: قۇياش سىستېىسىنىڭ چۆرىسىنى، قۇياشتىن تەخمىنەن 150 مىڭ ئاسترونومىيە بىرلىكى يىراقلىقتىكى جايدا، بىر قەۋەت شار شەكلىدىكى <ئىپتىدائىي تۇمانلىق> دەپ ئاتىلىدىغان ماددا ئوراپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ <ئولتېر تۇمانلىقى> دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار دەل مۇشۇ يەردىكى <ئىپتىدائىي تۇمانلىق> تىكى ماددىلاردىن شەكىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئولتېر تۇمانلىقى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ <ئانا يۇرتى> بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدۇر