نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاندا يانفۇن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇپ - قونۇشى ۋە پۈتكۈل ئۇچۇش جەريانى يەر يۈزىدىكى ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ كونترول قىلىشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى قوماندانلىق قىلغۇچى خادىملار بىلەن ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى ئارىسىدىكى يەر - ئاسمان ئالاقىسىنىڭ ھەممىسى ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئايروپىلاندىكى ئاۋىئاتسىيىگە يول باشلىغۇچى ئۈسكۈنە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ئاۋىئاتسىيە يول باشلاش پونكىتى تارقاتقان رادىئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئايروپىلاننىڭ توغرا ئورنىنى بېكىتىپ، ئايروپىلاننى توغرا ھاۋا يۆنىلىشىگە قاراپ ئۇچۇرىدۇ. ئايروپىلاندىكى ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەسۋابى بۇيرۇقنى ئاپتوماتىك ھالدا قوبۇل قىلىپ تەكشۈرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان بىر خىل سىستېما. ئۇ رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق يەر يۈزىدىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ، يەر يۈزى پونكىتى ۋە ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرى تارقاتقان ھەر بىر بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يانفۇنمۇ رادىئو دولقۇنىغا تاينىپ ئۇچۇر يوللايدۇ. يولۇچىلار ئايروپىلاندا يانفۇن ئىشلەتكەندە، يانفۇن چىقارغان ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى ئايروپىلاندىكى ھەر خىل رادىئو سىستېمىسىغا ئېغىر كاشىلا كەلتۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايروپىلاننىڭ يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرى كاشىلىغا ئۇچراپ، ئاپتوماتىك مەشغۇلات سىستېمىسى بۇيرۇقىنى خاتا ئىجرا قىلىش مۇمكىن، نەتىجىدە ئايروپىلان ئۇچۇۋاتقاندا ھادىسە يۈز بېرىدۇ.
يانفۇندىن باشقا، يەر يۈزىدىكى ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى چىقىرالايدىغان بارلىق ئەسلىھەلەرمۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا دەخلى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئايروپىلاندا يانفۇن ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمەلىيەتتە، چاقىرغۇ، ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان كومپىيۇتېر، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىق ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى تارقىتالايدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئايروپىلاندا ئىشلىتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.