بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار تاماكا چەكسە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن كېسەللىك ناھايىتى كۆپ، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن داۋاملىق تاماكا چەكسە، ھامىلىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشىغا ھەم ئۆسۈشىگە تەسىر قىلىدۇ شۇنداقلا يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ھامىلىدار ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تاماكا چەكمەيلا قالماستىن، چوقۇم ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ماسلىشىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئىسسىز مۇھىت يارىتىشىڭىز كېرەك، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانىلارنىڭ تاماكا چېكىشى بىلەن بالىنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاماكا چېكىدىغان ئانىلار تۇغقان بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن تاماكا چەكمەيدىغان ئانىلار تۇغقان بالىلارغا نىسبەتەن پاكار، ئۆگىنىشى ئاجىز، كېسەلمەن بولىدۇ. نىكوتىن مەركىزىي نېرۋىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بالىنىڭ نەپەس ئېلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنداقلا بالىنىڭ ئۆپكىسى ۋە باشقا ئورگانىزىملارنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. تاماكا چەكمىگەنلىك ئۆزى ۋە بالىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەنلىك بىلەن باراۋەر.