يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشكەبولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مەلۇم جايلاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئېيىغا توشقاندا، چېچىنى، قېشىنى چۈشۈرۈۋەتسە قارا، قويۇق ئۆسىدۇ دېگەن قاراش بار. ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چېچىنىڭ قانداق ئۆسۈشى ئاساسلىقى تۇغما ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن كېيىنكى ئوزۇقلۇق ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئېيىغا توشقاندا چېچىنى چۈشۈرۈش بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران ھەم قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، چاچ چۈشۈرگەندە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش تېرىسى ۋە تۈك خالتىسى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئۇستىرا پاكىز بولمىسا ياكى باشتا مەينەت نەرسىلەر بولسا كېسەل باكتېرىيىلىرى ئاسانلا تېرىگە كىرىپ، يېنىك بولغاندا باش تېرىسى يۇقۇملىنىشنى، ئېغىر بولغاندا مېڭە پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ چېچى بەك ئۇزىراپ رەتسىزلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلسا، قايچا بىلەن تەكشىلەپ قويسا بولىدۇ.