بەش - ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشنىڭ قانداق ]مۇھىم نۇقتىلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بەش - ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. بەش - ئالتە ئايلىق بوۋاقلار تېخىمۇ ھەرىكەتچان بولۇپ، ناھايىتى ئاسان تەرلەيدۇ، شۇڭا داۋاملىق ئىچى - سىرتى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. ئەگەر مۇھىت تېمپېراتۇرىسى 25℃ ئەتراپىغا يەتسە، بوۋاقلارغا كۈندۈزى قىسقا يەڭلىك كىيىم ۋە كۇسار كىيدۈرۈپ قويسا، كەچتە ئۇخلىغاندا پەقەت نېپىز ئەدىيال يېپىپ قويسىلا بولىدۇ.
2. بوۋاق ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا چىش چىقىشقا باشلايدۇ. چىش چىققاندا بوۋاقلاردا بەلكىم يىغلاش، شۆلگىيى يەنە كۆپىيىش، قول بارمىقى ۋە قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەشنى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا، ئۇيقۇسى ناچار بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار بوۋاقلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى كۈتۈش كېرەك.
3. ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا، بوۋاقلارنىڭ ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار ئاساسەن يوقايدۇ شۇڭا ئىنتايىن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈن نۇرى مۇنچىسى، ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بوۋاق تېنىنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.