ھامىلىدار مەزگىلىدە چاچ چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتىكى ئادەملەردە ھەر كۈنى 60 تال ئەتراپىدا چاچ تەبىئىي ھالدا چۈشىدۇ، پەسىل ئالماشقان ۋاقىتتا ھەم ھورمونلار تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش ئەھۋالى پەيدا بولغاندا چاچ چۈشۈش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدار مەزگىلىدە، مېتابولىزم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانلىقتىن، چاچ چۈشۈش ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ھەر كۈنى چاچ تارىغان ۋاقىتتا بىرمۇنچە چاچ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈش، كىشىنى تولىمۇ غەمگە سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىسىلا، چاچ چوقۇم يەنە چىقىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمەڭ.