نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ ۋاقتى بېيجىڭنىڭ يەرلىك ۋاقتى ئەمەس دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن
جۇڭگودا كىشىلەر سائەتنىڭ توغرا ماڭغان - ماڭمىغانلىقىنى بەلگىلەشتە ھەمىشە رادىئونىڭ ۋاقىت سىگنالى بېيجىڭ ۋاقتىغا توغرىلايدۇ، چۈنكى بېيجىڭ ۋاقتى پۈتۈن مەملىكەتتە بىر تۇتاش قوللىنىلىدىغان ئۆلچەملىك ۋاقىت.
ھازىر ئۆلچەم قىلىۋاتقان بېيجىڭ ۋاقتى بېيجىڭنىڭ يەرلىك ۋاقتىنى كۆرسەتمەيدۇ. بىز ئادەتتە دەۋاتقان يەرلىك ۋاقىت بىر جاينىڭ تەبىئىي ھالدىكى يەرلىك ۋاقتىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن ئۇقۇم. ئۇ ھەر قايسى قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ئەڭ ئېگىز ئورۇنغا يەتكەن، ئوبيېكتنىڭ كۆلەڭگىسى ئەڭ قىسقا كۆرۈنىدىغان چىڭقىچۈش ۋاقتىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. يەر شارى غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىدىغان بولغاچقا، جايلارنىڭ مېرىدىئان ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا يەرلىك ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر مېرىدىئان پەرقى <1°> بولسا، ۋاقىت تۆت مىنۇت پەرقلىنىدۇ، شۇڭا يەرلىك ۋاقىت تەبىئىي ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر رايوننىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك ۋاقتى بولىدۇ، قاتناش تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا مېرىدىئان ئورنى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ۋاقىت جەھەتتىن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1884 - يىلى دۇنيادىكى ھەر قاسى دۆلەتلەر مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق پۈتكۈل يەر شارىنى ئېكۋاتورنى بويلاپ 24 تەڭ بۆلەككە بۆلۈپ، مېرىدىئان بويلاپ 15° نى بىر ۋاقىت رايونى قىلىپ بۆلۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ۋاقىت رايونىنىڭ يەنى مەركىزىي مېرىدىئان سىزىقىغا جايلاشقان يەرنىڭ ۋاقتى مەزكۇر ۋاقىت رايونىدىكى پۈتۈن رايوننىڭ ئورتاق ۋاقتى قىلىپ ئىشلىتىلسە بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت - رايون ۋاقتى دەپ ئاتالدى، شۇنداقلا خەلقئارادا بۇنى ئۆلچەملىك ۋاقىت (مەسىلەن، بېيجىڭ ۋاقتى) دەپ ئاتالدى. بېيجىڭ ۋاقتى جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى سەككىز رايونغا ئورتاق بولغان يەرلىك ۋاقىتى بېيجىڭ ۋاقتى دەپ ئاتىلىدۇ. بېيجىڭ شەرقىي مېرىدىئان 116°19 غا جايلاشقان، ھالبۇكى بېيجىڭ ۋاقتى شەرقىي سەككىز رايوننىڭ مەركىزىي مېرىدىئان سىزىقى، يەنى شەرقىي مېرىدىئان 120° بويىچە بېكىتىلگەن، شۇڭا ئۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەرلىك ۋاقتىدىن 15 مىنۇتچە بۇرۇن.