نېمە ئۈچۈن بالىلار ياغدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
كىشىلەر ئادەتتە پىلتە قۇيماق، پوشكال، مايدا قورۇلغان بېلىق، ياغدا قورۇلغان گۆش ۋە تۇخۇم قاتارلىق مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەر ناھايىتى يېيىشلىك بولۇپ، بەزى بالىلارمۇ بۇ خىل يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشقا ئامراق. بىراق بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئارقىلىق بالىنىڭ تاماققا بولغان ئىشتىھاسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ داۋاملىق بالىلارغا بېرىشكە، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك تاماق ئورنىدا بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ياغدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قورۇلغاچقا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكنى داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى يېمەكلىكلەر مەسىلەن: بېلىق، گۆش قاتارلىقلاردا ھايۋانات يېغى، ئاقسىل قاتارلىقلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قورۇلغاندىن كېيىن بىر قىسىم زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ياغدا قورۇلغان يېمەكلىكنىڭ سىرتىنى ماي قاپلاپ، ئوڭايلىقچە ھەزىم قىلغىلى بولمايدۇ، بالىلارنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئاجىز بولغاچقا، بۇ خىل يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ - دە، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.