UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قايسى ۋاقىتتا كالمېت- گۋېرىن ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قايسى ۋاقىتتا كالمېت- گۋېرىن ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق يېڭى تۇغۇلۇپ 24 ~ 48 سائەت ئىچىدە كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنسە بولىدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتسە، تۇبېركۇلىن (OT) تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ، تەجرىبە نەتىجىسى مەنپىي چىققانلارغا ئەملىسە بولىدۇ. كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، زەھەر كۈچىنى ئاجىزلاتقانلىقتىن كېسەللەندۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان، كالا تىپلىق تۇبېركۇليوز باكتېرىيىسىدىن ياسالغان ۋاكسىنا، تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەپ ئادەم تېنىنى تۇبېركۇلوز كېسىلىدىن مۇداپىئەلەندۈرۈش مەقسىتىگە يېتىدۇ. كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسىنى ئەملەيدىغان ئورۇن سول يۇقىرى بىلەك ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇلنىڭ سىرتقى قىرى بولىدۇ. نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قىزىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ناچار ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە، بۇ ۋاكسىنا بىلەن ئەملەنسە بولىدۇ. ئەملىگەندە بىر ئاق سۇلۇق قاپارتقۇ پەيدا بولۇپ، 10 ~ 20 مىنۇتتىن كېيىن يېنىپ كېتىدۇ، ئۈچ - تۆت ھەپتىدىن كېيىن ئەملەنگەن ئورۇندا سېرىق پۇرچاقنىڭ چوڭلۇقىدىن ئېشىپ كەتمىگۈدەك چوڭلۇقتىكى تۈگۈن پەيدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگەندىن كېيىن ئادەتتە قىزىش قاتارلىق بىنورمال رىئاكسىيىلەر يۈز بەرمەيدۇ. ئەملەنگەندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىپ ئىششىش كۆرۈلىدۇ ھەمدە بارا - بارا يىرىڭ قېپى شەكىللەندۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بەزى يىرىڭ قېپى تېشىلگەندىن كېيىن قاقاچ تۇتىدۇ، قاقاچ تۆكۈلگەندىن كېيىن بىر مەڭگۈلۈك تاتۇق ئىزى قالىدۇ. ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولۇپ 8 ~ 14 ھەپتىدە تۇبېركۇلىن (OT) تەجرىبىسى ئىشلىنىپ، مۇسبەت چىققانلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەملىنىپ ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا بولىدۇ، ئىممۇنىتېت مەزگىلى 5 ~ 10 يىل، تەخمىنەن ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە يەنە بىر قېتىم OT تەجرىبىسى ئىشلەپ، ئەگەر مەنپىي چىقسا يەنە بىر قېتىم ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قايسى ۋاقىتتا كالمېت- گۋېرىن ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki