UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئاقسىلنى كۆپقوبۇل قىلىش كېرەكمۇ؟

بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئاقسىلنى كۆپقوبۇل قىلىش كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ 2000 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئاقسىل قوبۇل قىلىش كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغاندا، ھامىلىدار ئەمەس ئاياللار ئىچىدە يېنىك جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بىر كۈندە 65 گرام، ئوتتۇرا دەرىجىدە جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بىر كۈندە 70 گرام، ئېغىر دەرىجىدە جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بىر كۈندە 80 گرام ئاقسىل قوبۇل قىلسا بولىدىكەن. ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە، ئاياللارغا كۆرسىتىپ بەرگەن ئاقسىل قوبۇل قىلىش مىقدارى ھامىلىدار ئەمەس ئاياللارنىڭ ئاساسىدا، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەر كۈنى بەش گرام كۆپەيتىش، ئوتتۇرا مەزگىلىدە ھەر كۈنى 15 گرام كۆپەيتىش، كېيىنكى مەزگىلدە ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە 20 گرام كۆپەيتىش كېرەككەن، ئاقسىل مىقدارى كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەر بولۇپمۇ ئۇچار قانات گۆشلىرى ۋە بېلىقنى كۆپ يېيىش كېرەككەن. بۇخىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىلى ھايۋانات ئاقسىلىدىن 15%~25% ئەتراپىدا بولۇپ، تۇخۇمدىمۇ مول بولغان ئاقسىل بار. تەخمىنەن 11%~14% كىچە، پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، 20%~40% كىچە. گۆشسىز يېمەكلىكلەر بولسا ئاقسىل تەركىبى ئەڭ يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، باھاسى ئەرزان. ئانىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ، سۈتنىڭ تەركىبىدە 1.5%~3.8% كىچە بولۇپ، بۇخىل ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، سۈپىتىمۇ ياخشى، ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ. مەيلى بىزنىڭ كۈندىلىك تامىقىمىزدا بولسۇن ياكى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلى بولسۇن، چوقۇم بىرقىسىم ھايۋانات ئاقسىلى ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە