بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ھاراق ئىچسەسۈتكە تەسىرى بولامدۇ - يوق؟
نېمە ئۈچۈن
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاچ قورساققا ھاراق ئىچسە، 30 ~ 60 مىنۇت ئىچىدە سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى پەللىگە چىقىدىكەن. ئەگەر ئانا ئىچكەن ھاراق كۆپ بولمىسا، 110 گرام ئىسپىرت ياكى بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچسە، بالىغا نىسبەتەن قوشۇمچە تەسىر پەيدا قىلمايدۇ، بىراق مۇشۇ ئاساستا ھەر كىلوگرام ئېغىرلىق 5.0 گرام ئىسپىرت مىقدارىنى قوبۇل قىلىدىغان بولسا، سۈت بەزلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ ئېمىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئىسپىرت يەنە سۈت قوزغاتقۇچى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا ئسىپاتلىنىشىچە، داۋاملىق ھاراق ئىچىۋەرسە بالىنىڭ نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. نۇرغۇنلىغان ئانىلار <ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ھاراق ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس> دەپ قارىشىدۇ.