UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلە تۇغۇلغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئانىنىڭكىدىن 0.5℃ يۇقىرى بولۇپ تەخمىنەن 37℃ ~ 38℃ ئارىسىدا بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئانا بالىياتقۇسىنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، مىنۇتىغا تەخمىنەن ℃1.0 تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر مۇھىت تېمپېراتۇرىسىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسى قايتا ئۆرلەشكە باشلىسا، ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37℃ ~ 36℃ ئوتتۇرىسىدا مۇقىملىشىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بەدەن تېمپېراتۇرىسى مەركىزى نېرۋىسى بىجىرىم يېتىلمىگەن، قان تومۇرلارنىڭ كېرىلىپ يىغىلىشىنى كونترول قىلىدىغان تارماق نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى دېگەندەك تولۇق يېتىلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن سىرتقى ھەجىمى چوڭراق، تېرە ئاستى ماي قەۋىتى نېپىزراق، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ئانچە ياخشى ئەمەس، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃1.36، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ℃5.37، بالدۇر تۇغۇلغان ياكى زىيادە ئېغىر بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەلكىم بەك تۆۋەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئاتا - ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك. ئادەتتە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38 ئېشىپ كەتمىسە ھەم باشقا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمىسە، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بوۋاقنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃36 دىن تۆۋەن، ℃38 دىن يۇقىرى بولسا داۋالاشقا موھتاج.
← بارلىق تېمىلار نەمە