نېمە ئۈچۈن بوۋاق بالىلار راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق بالىلارنىڭ راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇشى ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى يېتىشمەسلىكىدىن بولۇپ، ۋىتامىن D يېتىشمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قىسقا بولۇش. بەدەندىكى ۋىتامىن D ئاساسلىق تېرىدىكى 7 - دېگىدروخولېستېرول ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ چۈشۈشى ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈشىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئادەتتىكى ئەينەكلەردىن ئۆتەلمەيدۇ، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ سىرتتىكى پائاليىتى ئاز بولسا ئاسانلا راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، قىش پەسلىدە ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئاجىزراق، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قىسقا، شۇڭا قىش، ئەتىياز پەسلىدە راخىت كېسىلىنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى كۆپرەك.
2. ۋىتامىن D نىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرسىز بولۇش. تەبىئىي يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى ئاز، مەسىلەن: ئانا سۈتىدىكى ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى 100 ~ 4 خەلقئارالىق بىرلىك / لىتىر، كالا سۈتىدە 40 ~ 3 خەلقئارالىق بىرلىك / لىتىر، كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە تېخىمۇ ئاز بولۇپ، بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.
3. يېمەكلىكتىكى كالتسىي، فوسفورنىڭ مىقدارى بەك تۆۋەن ياكى نىسبىتى مۇۋاپىق بولماي كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈش، مەسىلەن: كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفورنىڭ مىقدارى ئانا سۈتىدىن كۆپ، لېكىن نىسبىتى مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا كالا سۈتىدە باققان بوۋاقلاردا راخىت كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئانا سۈتىدە باققان بوۋاقلارغا قارىغاندا يۇقىرى.
4. ۋىتامىن D غا نىسبەتەن ئېھتىياج مىقدارى ئېشىش. بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى تېز، ۋىتامىن D غا بولغان ئېھتىياج مىقدارى كۆپ، كېسەللىنىش نىسبىتى يۇقىرى.
5. كېسەلنىڭ تەسىرى. ئاشقازان، ئۈچەي يولى ياكى جىگەر، ئۆت كېسىلى مەسىلەن: بوۋاقلاردىكى جىگەر ياللۇغى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، ياغلىق ئىچى سۈرۈش، ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار ۋىتامىن D ۋە كالتسىي فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.