نېمە ئۈچۈن قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيى قىزىل بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قىزىل دېڭىز ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ سۈيى سۈزۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سۇ ئۈزۈش، يۇيۇنۇشقا تولىمۇ باب كېلىدۇ. شۇڭا قىزىل دېڭىز ئەزەلدىن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق دېڭىز ساھىلى ئارامگاھى بولۇپ كەلگەن، شۇڭا بۇ يەردە ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بىراق، قىزىل دېڭىزنىڭ كىشىنى يەنىمۇ جەلىپ قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ سۈيى دائىم قىپقىزىل تۇرىدۇ.
قىزل دېڭىز رايونىنىڭ كىلىماتى ئىسسىق قۇرغاق بولۇپ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، بۇنداق ئەھۋال قىزىل دېڭىز سۈيىنىڭ تۇز تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، تېمپرراتۇرسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن. بۇ شارئىتلار دەل يېشىل دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ كۆپلەپ كۆپىيىپ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېشىل دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ رەڭگى يېشىل ئەمەس، بەلكى قىزىل. دېڭىزدا كۆپلەپ قىزىل دېڭىز يۈسۈنى پەيدا بولغاندا، دېڭىز سۈيى تەبىئىي ھالدا قىزىل تۈسكە كىرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايىكەبىر قۇملۇقىدىن كۆتۈرۈلگەن قىزىل قۇملۇق بورىنى دائىم قىزىل دېڭىز بوشلۇقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. قاتتىق بوران تۈركۈم - تۈركۈم قىزىل قۇم، چاڭ - توزانلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ قىزىل دېڭىز بوشلۇقىغا چاچقاندا، ئاسمان قىزىل رەڭ بىلەن بوياپ قويغاندەك تۈسكە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىل دېڭىز دولقۇنى دېڭىز سۈيى ۋە دېڭىز بويىدىكى قىيا تاشلارنىڭ ھەممىسىنى قىزىل تۈسكە كىرگۈزۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ گۈزەل بولغان قىزىل دېڭىز مەنزىرىسى شەكىللىنىدۇ.