ھامىلىدار ئاياللار لۇڭيەننى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئوزۇقلۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لۇڭيەن تەركىبىدە گلۇكوزا، قومۇش شېكىرى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B قاتارلىق تارتىرات كىسلاتا ماددىلىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق مول بولغان يېمەكلىك. جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، لۇڭيەننىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىكى ئالىي مەھسۇلات. بىراق لۇڭيەن قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، بارلىق ئىسسىقچان كىشىلەر ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ئاساسەن ئىسسىقچان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ چوڭ تەرىتى كۆپ ھاللاردا قۇرغاق كېلىدۇ. قاتتىق ئۇسساپ، جىگىرى قۇرۇپ كەتكەندەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە دائىم <تۇغۇتتىن ئاۋۋال سالقىنلاش> نى تەشەببۇس قىلىدۇ، لۇڭيەن قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ھامىلىنى ساقلاپ قالالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئوڭايلا قىزىرىپ قېلىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالدىن بىشارەت بولغان بويىدىن ئاجراش ھەتتا بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار لۇڭيەننى ئالدىراپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.