UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچاقىرغۇ قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

چاقىرغۇ قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن چاقىرغۇ PB ئاپپاراتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىقى چاقىرىلماقچى بولغان ئابۇنچىنى تاق يۆنىلىشلىك چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىۋاسىتە سۆزلەشكىلى بولمايدۇ. چاقىرغۇنى سىملىق تېلىفون ئالاقىلىشىش تورىنىڭ تولۇقلىمىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. سىمسىز چاقىرىش سىگنال يوللاش ۋە سىگنال قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. سىگنال قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. سىگنال يوللاش قىسىمى چاقىرغۇ ئىستانىسىغا ئورۇنلاشتۇرلغان بولۇپ، ئاساسلىق ئۈسكۈنىلىرىدىن كومپيۇتېر، كودلاش ئاپپاراتى، كۆرسىتىش تېرمىنالى، سىگنال چىقىرىش ئاپپاراتى ۋە يىراقتىن كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، ئانتېننا، سىملىق تېلېفون قاتارلىقلار بار. سىگنال قوبۇل قىلىش قىسىمى دەل PB ئاپپاراتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ قوبۇل قىلىنغان رادىئو سىگنالنىڭ چاستوتىسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىپ، تەڭشەپ، كۈچەيتىپ، كودنى يېشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇچۇر مەزمۇنىنى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراندا كۆرسىتىدۇ. سىمسىز چاقىرغۇ خىزمەت قىلغاندا، سىملىق ئالاقىلىشىش بىلەن سىمسىز ئالاقىلىشىشنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. مەسىلەن، B كىشىدە PB ئاپپاراتى بولسا، A كىشى B كىشى بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولغاندا، سىملىق تېلېفون ياكى يانفون ئارقىلىق چاقىرغۇ ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ، چاقىرغۇ ئىستانىسىغا ئۆزى چاقىرماقچى بولغان B كىشىنىڭ چاقىرغۇسىنىڭ نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. چاقىرغۇ ئىستانىسى شۇ ھامان B كىشىنىڭ چاقىرغۇ نومورىغا ماس كېلىدىغان سىمسىز سىگنال يوللايدۇ؛ B كىشىنىڭ چاقىرغۇسى بۇ سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئېكراندا ئۇچۇر مەزمۇنى كۆرۈنىدۇ. PBئاپپاراتى رەقەملىك چاقىرغۇ ۋە خەتلىك چاقىرغۇ دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. رەقەملىك چاقىرغۇدا رەقەم كۆرۈنىدۇ ۋە رەقەم ئارقىلىق ئۇچۇر ئىپادىلىنىدۇ. خەتلىك چاقىرغۇدا خەت كۆرۈنىدۇ، ئوقۇپلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. PB ئالاقىلىشىشىتە ئىشلىتىلگەندىن باشقا، ئابۇنىچى چاقىرغۇ ئارقىلىق چاقىرغۇ ئىستانىسى يوللىغان ھاۋا رايىدىن مەلۇمات ۋە پاي چېكى بازىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايدۇ، چاقىرغۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارغا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار نەمە