تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرگەندە، نېمە ئۈچۈن تەشتەكنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم؟
نېمە ئۈچۈن
بىر تەشتەك گۈلنى بىر قانچە يىل ئۆستۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ئەسلىدىكى تەشتەكتىن يۆتكەپ باشقا بىر تەشتەككە كۆچۈرۈپ تەشتەك ئالماشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
تەشتەكنى ئالماشتۇرغاندا گۈلنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تەشتەككە يېڭى تىكىلگەن گۈل تۈپىنىڭ تېنى ئادەتتە بىر قەدەر كىچىك، يىلتىزلىرىمۇ تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ. لېكىن گۈلنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، گۈل تۈپىمۇ ئۈزلۈكسىز زورىيىدۇ، يىلتىزلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز توملىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىكى تەشتەك يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەي قالىدۇ، گۈل تۈپى بىلەن تەشتەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ بىر - بىرىگە مۇناسىپ كەلمەي قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاشتەكنى چوڭراق تەشتەككە يەڭگۈشلىگەندە، ھەم گۈل تۈپىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ، ھەم گۈل تۈپىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن تەشتەك بىر - بىرىگە ماس كېلىپ، كىشىگە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.
گۈل تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا دائىم سۇقويۇپ ھەم ئۇنى ئوغۇتلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەشتەكتىكى توپا قېتىپ كېتىدۇ، كىسلاتا ئىشقارلىق دەرىجىسىمۇ گۈلنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئورگانىك ماددىلار مىقدارى ئازىيىدۇ، ۋەھاكازا. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تەشتەكنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ئوزۇقلۇق توپا يەڭگۈشلەپ، گۈلگە ئەۋزەل بىر ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەندە، گۈل تېخىمۇ ياخشى ئۆسىدۇ.
تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن بەزى ئۆسۈملۈكلەر يىلتىزىنىڭ يىلتىز سۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، تۈپلەگە ئايرىپ كېڭەيتىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. مەسىلەن، سەبرىنى ئالساق، ھەر يىلى 5, 6 - ئايلاردا ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نۇرغۇن ئۇششاق سەبرىلەر (ئالوي) ئۆسۈپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەشتەكنى يەڭگۈشلەپ، كىچىك سەبرىلەرنى ئايرىۋېلىپ باشقا جايغا تىكسە بولىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، ئۇيقۇ مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بەزى گۈللەرنى تەشتىكىنى ئالماشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن قۇرۇغان يىلتىز ۋە قۇرۇغان شاخلىرىنى كېسىپ چاتىۋېتىش ھەمدە يىلتىزىنىڭ سېسىغان - سېسىمىغانلىقى ياكى قۇرت پەيدا بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم. بۇنداق قىلىشنىڭمۇ گۈلنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى چوڭ پايدىسى بولىدۇ.