UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى توغرا ھېسابلاپ بېرەلەمدۇ؟

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى توغرا ھېسابلاپ بېرەلەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كېلىپ 6 ~ 10 ھەپتىدىن كېيىن، دوختۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ھامىلىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ھەپتە سانىغا ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاش، <ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئېنىقلانغان ھامىلىدار بولغان ھەپتە سانى> دېيىلىدۇ، ئەگەر ھەيز سانى، ھەپتە سانى نورمال بولمىغان كىشىلەرنىڭ، ھەيز ھەپتە سانى بىلەن ئەمەلىي ھامىلىدار بولغان ھەپتە سانى ماس كەلمىسە، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز ھەپتە كۈنىنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتى دەپ ھېسابلىساق، ناھايىتى چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ھېسابلىغاندا، ھەپتە سانىنى ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاش تەكلىپنى بېرىمىز شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كۈنىنى ئۆزگەرتىپ، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى قايتىدىن ھېسابلاش كېرەك. مەسىلەن، دائىم 10 ~ 15 كۈن كېچىكىپ ھەيز كۆرىدىغان كىشىلەر، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كېلىپ ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن (ھامىلىدار بولغىلى 10 ھەپتە بولغان) ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، ھامىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە سەككىز ھەپتە ئەتراپىدا بولغانلىقى، ئىككى ھەپتە پەرق چىققانلىقى بايقىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كۈنىنىڭ ئىككى ھەپتە ئۇزارغانلىقىنى، يەنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئىككى ھەپتە كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى توغرا ھېسابلاپ بېرەلەمدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki