UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دېڭىز سۈيى رەڭسىز، ئەمما دېڭىز كۆك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىز سۈيى رەڭسىز، ئەمما دېڭىز كۆك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پاراخۇتتا تۇۇپ دېڭىزغا قارىساق، دېڭىز سۈيى كۆپكۆك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بىر قوشۇق دېڭىز سۈيىنى ئېلىپ قارىساق، ئۇنىڭ كۆك ئەمەسلىكىنى، تۇرۇبا سۈيىگە ئوخشاش رەڭسىز، سۈزۈك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ قانداق ئىش؟ ئەمەلىيەتتە بۇ قۇياش نۇرىنىڭ ئويۇنى. بىزگە ئايانكى، قۇياش نۇرى قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، كۆك، قارا كۆك، بىنەپشە رەڭلەردىن تەركىب تاپىدۇ. قۇياش نۇرى دېڭىزغا چۈشكەندە دولقۇن ئارىلىقى ئۇزۇنراق قىزىل نۇر بىلەن قىزغۇچ سېرىق نۇرنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، توسالغۇلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەيدۇ، شۇ جەرياندا ئۇلارنى دېڭىز سۈيى ۋە دېڭىز جانلىقلىرى توختىماي قوبۇل قىلىۋالىدۇ. لېكىن، كۆك، سۆسۈن نۇرنىڭ دولقۇن ئارىلىقى قىسقىراق بولغاچقا، دېڭىز سۈيىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ھامان تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا نۇر قايتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسمىنى دېڭىز سۈيى ۋە دېڭىز يۈزىدىكى جانلىقلار قوبۇل قىلىۋالىدۇ. چېچىلىپ كەتكەن ۋە قايتىپ كەتكەن مۇشۇ كۆك ۋە سۆسۈن نۇر كۆزىمىزگە كۆك كۆرۈنىدۇ، دېڭىز سۈيى قانچە چوڭقۇر بولسا چېچىلىپ ۋە قايتىپ كېتىدىغان كۆك نۇر شۇنچە كۆپ بولىدۇ، شۇڭا قارىماققا شۇنچە كۆك كۆرۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە