UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ؟

بالىلار نېمىشقا دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتە، بالىلار تۇغۇلۇپ تەخمىنەن 11 ئاي بولغاندا ئۆرە تۇرالايدۇ. بىر ياشقا توشقاندا مېڭىشقا باشلايدۇ، 18 ئايلىق بولغاندا ئاللىقاچان پۇختا ماڭالايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بالىلار يەنىلا دەلدەڭشىپ ماڭسا، تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇنداق ماڭغان بولۇشى مۇمكىن: 1. بوۋاقلىق دەۋرىدىن باشلاپ چوڭراق ھەرىكەتلەرگە بولغان يېتىلىشى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئاستا، مېڭىش ۋاقتىمۇ ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن كېيىن بولىدۇ. 2. ئاتا - ئانىلار مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشنى ناھايىتى ئاز ئېلىپ بارغان، شۇڭا بالىلار دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ. 3. ئاتا - ئانىلارنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلى توغرا بولماي، رولىنى جارى قىلدۇرالمىغاچقا، بالىلارنىڭ دەلدەڭشىپ مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 4. بالىلار يېنىك دەرىجىدە مېڭە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولسىمۇ، ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە نورمال بالىلاردىن خېلىلا كېيىن تۇرىدۇ. ئالدىدىكى ئۈچ خىل سەۋەبتە چوڭلار توغرا ئۇسۇل بىلەن بالىلارغا مېڭىشنى ئۆگەتسە بولىدۇ، تۆتىنچى خىل سەۋەبكە كەلسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلار دەلدەڭشىپ مېڭىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىق بىلەلمىسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىشى ۋە تەكشۈرتۈشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە