UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا كىيىم تاللاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بالىلارغا كىيىم تاللاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلىق دەۋرىدىكى بالىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ۋە ئىقتىدارى بوۋاقلىق دەۋرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ شۇنداقلا بارا - بارا كىيىم كىيىشنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىيىم تاللاشتا ئوغۇل بالىلار بىلەن قىز بالىلارنىڭ كىيىمىدە پەرق بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا كىيىم تاللاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم: 1. بالىلارنىڭ كىيىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق، كەڭ - تارلىقى جايىدا بولۇشى، بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولماسلىقى كېرەك. بەك كىچىك بولغاندا، بالىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇ بالىلارنىڭ مۇسكۇل ۋە نەپەس سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەك چوڭ بولغاندا، بالىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى قۇلايسىز بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئىسسىق ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ كىيىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا قۇلاي بولۇشى كېرەك. 2. ئاددىي، پاكىز يۇيۇشقا ئەپلىك بولۇشى، بەك مودا بەلۋاغلىق، زىيادە كۆركەم ۋە مۇرەككەپ بولماسلىقىكېرەك. بۇنداق بولسا يۇيۇشقا ئەپسىز ھەم بەلباغ، زىننەت بۇيۇمى قاتارلىقلار بالىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويىدۇ. 3. جىنسنى پەرقلەندۈرۈپ تاللاش، ھەرگىزمۇ يات جىنسلىقلارنىڭ كىيىمىنى كىيدۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن يېتىلىشىگە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە