UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدۆلىتىمىزدە يېنىپ تۇرغان يانار تاغ بارمۇ؟

دۆلىتىمىزدە يېنىپ تۇرغان يانار تاغ بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ كۇئىنلۇن تېغى رايونىدا تۇيۇقسىز كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭلا غايەت زور ئىس - تۈتەك كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ، يەنە تېخى قىپقىزىل نۇرنىڭ چاقنىغىنى كۆزگە چېلىقىدۇ. بەزى كىشىلەر بۇنى كۇئىنلۇن تېغىدىكى يانار تاغدىن ۋولقان ئېتىلىپ چىقتى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دۆلىتىمىزىدىكى كۇئىنلۇن تېغى ئىزچىل تۈردە <يېنىپ تۇرغان يانار تاغ> دەپ قارىلىپ كەلدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئالىملار ئاندىن بۇ رايوننى ئەمەلىي تەكشۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. تەكشۈرۈش ئارقىسىدا، بۇ يەرگە گەرچە كۆلىمى 200 نەچچە كۋادرات كىلومېتر كېلىدىغان ماگما جىنىسلىرى جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل بېشارەتلەردىن، بۇ ماگما جىنىسلىرى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئېتىلىپ چىققان ۋولقان قالدۇقلىرىغا ئوخشاشمايدىغانلىقى ئېنىقلانغان. يانار تاغ قۇرۇلمىسى ۋە گىئولوگىيىلىك ئەھۋالىمۇ يېڭىلا ئېتىلىپ چىققان ياكى <يېنىپ تۇرغان يانار تاغ> قا ئوخشاشمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى يىلى تارقالغان <يېنىپ تۇرغان يانار تاغ> دېگەن سۆزنىڭ روشەنكى ئىلمىي ئاساسىي يوق. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى بەزى يانار تاغ ئۇيقۇ مەزگىلىدە تۇرماقتا. مەسىلەن، شەرقىي شىمالدىكى چاڭبەيشەن تېغى، يۈننەندىكى تېڭچۇڭ ۋە خەينەن، تەيۋەن ئۆلكىلىرىدىكى بەزى يانار تاغلاردا ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ماگما ھەرىكىتىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلمىدى. بىراق تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمال دېڭىز رايونىدا ئىككى قېتىم دېڭىز ئاستى يانار تاغ ھەرىكىتى يۈز بەردى، بىر قېتىملىقى 1916 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، يەنە بىر قېتىملىقى 1972 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كۆرۈلدى، بۇ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق <يېنىپ تۇرغان يانار تاغ> ھەرىكەت ھادىسىسى.
← بارلىق تېمىلار نەمە