نېمە ئۈچۈن B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئوكۇل قىلىنىدۇ. B تىپلىق مېڭە ياللۇغى پاشا قاتارلىق ۋاسىتىچىلەر تارقىتىدىغان جىددىي ۋىرۇس خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. ياز پەسلى كېسەللىنىشنىڭ ئەڭ كۆپ پەسلى، كېسەللەنگۈچى ئاساسەن ئون ياشتىن تۆۋەن بالىلار. كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك ھەم ئېغىر بولۇپ، ئېغىر بولغاندا يۇقىرى قىزىتما، دۆلىنىش، ھوشسىزلىنىش، سىپازمىلىنىش، ھەتتا ئۆلۈم يۈز بېرىدۇ، ساقايغاندىن كېيىنمۇ پالەچ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارەتلىرى قالىدۇ. چوڭلارنىڭ كۆپ قىسمىدا B تىپلىق مېڭە ياللۇغىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى بار، ئالتە ئايلىق بوۋاقلاردا ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئانتىتېلا بولۇپ، بوۋاقنىڭ B تىپلىق مېڭە ياللۇغى بولۇپ قېلىشىدىن قوغدايدۇ. جۇڭگودا بەلگىلەنگەن B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگۈچى ئوبيېكتلار ئاساسەن، تارقىلىش رايونىدىكى ئالتە ئايلىقتىن ئون ياشقىچە بالىلار ھەمدە تارقالمايدىغان رايوندىن تارقىلىش رايونىغا كىرگەن ئادەملەر. تارقىلىش رايونىدا تۇغۇلۇپ سەككىز ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان (كۆپىنچە رايونلاردا بىر ياشلىقلارنى تاللايدۇ) بوۋاقلارغا B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ بىرىنچى ئوكۇلى، يەتتە - ئون كۈندىن كېيىن ئىككىنچى ئوكۇل ئۇرۇلسا، ئاساسىي ئىممۇنىتېتقا تەۋە بولۇپ، ئىممۇنىتېت دەۋرى بىر يىل بولىدۇ. كېيىن ھەر يىلى بىر ئوكۇلنى كۈچەيتىپ ئۇرۇش كېرەك